تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇل: 84 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى «قىزىل ھويلا» قۇردى

 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ليۇ سۇئەن بوۋاي «قىزىل ھويلا»دا ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۆزى ئىشلىگەن تام گېزىتىنى تونۇشتۇرماقتا. شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي خەۋەر قىلىدۇ) كېسىش، چاپلاش، يېزىقچە چۈشەندۈرۈشىنى قوشۇش ... 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ لىيۈەن كوچىسى ئالغا غەربىي يولى مەھەللىسى 1-ئاۋغۇست جەنۇبىي چوڭ يولى شەرقىي 1-كوچا 9-نومۇرلۇق قورۇدا، 84 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ليۇ سۇئەن گېزىتتىكى تۈرلۈك سۈرەتلەرنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قورۇدىكى قىزىل باش تېمىلىق كۆرگەزمە تاختىسىنى يېڭىلاش تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى.

بۇ قورۇنى ئاھالىلەر يېقىملىق ھالدا «قىزىل ھويلا» دەپ ئاتىشىدۇ. ھويلا دەۋرازىسىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن قىزىل لوزۇنكا ئېسىلغان بولۇپ، ھويلىنىڭ يېڭىدىن ئاقارتىلغان تاملىرىغا پارتىيە تارىخى بىلىملىرى چۈشۈرۈلگەن كۆرگەزمە تاختىلىرى ئېسىلغانىدى. كۆرگەزمە تاختىلىرىغا گېزىت، ژۇرناللاردىكى سۈرەتلەر ئاساس قىلىنىپ چاپلانغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى مۇھىم يىغىنلىرى، مۇھىم ئىشلىرى ۋە خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«بۇ تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىمەن». ليۇ سۇئەن شۇنداق دېدى: «مەن كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى، ئائىلىمىزدىكى ئالتە جاننىڭ تۆتى كېسەل ۋە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، پارتىيە مېنىڭ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالغان، مەن بىر ئۆمۈر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن».

ھويلا تېمىدىكى كۆرگەزمە تاختىسىدىن باشقا، ليۇ سۇئەن بوۋاي يەنە ئۆزى تۇرۇۋاتقان كىچىك ئۆيىنىمۇ «قىزىل ئۆي» قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى. ئۆينىڭ تۆت تېمىدا 200 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت بار ئىدى، «يولغا چىقىش-جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى» «دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى» «شىنجاڭ ياخشى جاي» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق»... ھەربىر پارچە سۈرەت ئاساسىي تېما بويىچە تىزىلغان، ھەممىسى قىزىل جىيەك بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، كىشىلەرگە ليۇ سۇئەن بوۋاينىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي قەلبىنى ھېس قىلدۇراتتى.

«<قىزىل ھويلا> بەرپا قىلىش ياخشى ئىش. بىز ھەممىمىز قوللايمىز». بۇ قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق خەن فا شۇنداق دېدى: «قىزىل ھويلا» قۇرۇلغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، ھەر كۈنى شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئېكسكۇرسىيەگە كەلدى. «بەزىدە بىر كۈندە نەچچە تۈركۈم ئادەم كېلىدۇ. بىز مەسلىھەتلىشىپ بولدۇق، ھويلىنىڭ ئىچىنى نۆۋەت بىلەن تازىلاپ، ھويلىنىڭ ئوبرازىنى ياخشى قوغدايمىز».

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ «قىزىل ھويلا»غا ئېۋىرغول رايونى «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش نۇقتىسى» دەپ نام بەردى. ئالغا غەربىي يولى مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ شۆ مۇنداق دېدى: مەھەللىمىز ليۇ سۇئەن بوۋاينىڭ كۆرگەزمە تاختىسىدىكى مەزمۇنلارنى يەنىمۇ تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھويلىنىڭ تەشۋىقات ۋە تەربىيە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ