مەنبەسى: خەلق تورى
10 مىڭ مو يەردىكى ماشىنىدا يىغىلىدىغان شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى.
يېقىندا، ئىككى شوخلا ئۈزۈش ماشىنىسى شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى دوڭتەن كەنتىدىكى ئېتىزلاردا شوخلا ئۈزدى. بۇ يىل بۇ ناھىيەدە 27 مىڭ 900 مو يەردىكى شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى سەككىز توننىغا يەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، سانجى ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ شوخلا ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق رايونى بولۇپ، يىللىق تېرىش كۆلىمى 130 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن، ماشىنىدا يىغىش نىسبىتى %100كە يېتىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ جايدا شوخلا تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەن. (ما گۇاڭيۈەن)