تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاقسۇ ۋىلايىتى: 37 سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  【نۆل ئارىلىق】

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شىجيې خەۋەر قىلىدۇ) بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىغا قەدەر، ئاقسۇ ۋىلايىتى جەمئىي 37 سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈردى، ماكانلاشقان كارخانا ۋە سودىگەر 7060قا يەتتى، سودا ئەشيا ئوبوروت كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىدىكى «ئىككى يادرو، تۆت چوڭ ئەشيا ئوبوروتى رايونى» يىرىك پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق لىنىيەنى يېتەكلەپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك، ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا تەسىر كۆرسىتىدىغان سودا ئەشيا ئوبوروتى يىغىلىش ـ تارقىلىش مەركىزىنىڭ ئورنىنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىدى.

  نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرىنى يادرو قىلغان ئاۋېن ئايروپورت ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، ئاقسۇ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك توقۇمىچىلىق سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، كۇچا شەھىرى كۈسەن ئايروپورت سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى ۋە ئالاقىدار ناھىيە (شەھەر)لەر جەمئىي 37 سودا ئەشيا ئوبوروت باغچىسىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 35 مىڭ 300 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرردى، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد 533 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سودا ئەشيا ئوبوروت نۇقتىلىق تۈرى جەمئىي 18 بولۇپ، 2 مىليارد 366 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 17 تۈردە قۇرۇلۇش باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ