ئۈزۈم يوپۇرمىقى بېيىشقا باشلايدىغان «ئالتۇن يوپۇرماق»قا ئايلاندى
葡萄叶变身致富“黄金叶”
مۇھەررىر :
رېھىمجان شىرمەمەت
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2021/08/12 18:15
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئالتۇن يوپۇرماق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرىنى تۇڭغا قاچىلماقتا.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جيەن فوتوسى ۋە خەۋىرى) شىنجاڭ ئالتۇن يوپۇرماق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىگە تايىنىپ، ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى ئىنچىكە پىششىقلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، يېڭىچە، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان ئۈزۈم يوپۇرمىقى ئورالغان گۈرۈچ كونسېرۋا يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۈزۈم كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە كېرەكسىز ماتېرىياللارنى گۆھەرگە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزۈم تېرىقچىلىقىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇلتۇر، بۇ شىركەت 3200 توننا ئۈزۈم يوپۇرمىقى مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىش كىرىمىنى 21 مىليون 850 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 1200 ئائىلىلىك دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمىنىڭ 2000 يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، بۇ شىركەت ئۈزۈم يوپۇرمىقى مەھسۇلاتىدىن 5000 توننا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىدى.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئالتۇن يوپۇرماق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئۈزۈم يوپۇرمىقىنىڭ تۇزلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (ليۇ جيەن فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر :
ئايگۈل ئابدۇللا
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.