تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە: ھەسەن-ھۈسەن كۆكتە گىرەلىشىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلدى

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى «جۇڭگودىكى ھەسەن-ھۈسەن شەھىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە، بىپايان يايلاقتا ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈشى 160 قېتىمدىن ئاشىدۇ ھەمدە قوش ھەسەن-ھۈسەن، ئۈچ خىل ھەسەن-ھۈسەن دائىم كۆرۈلىدۇ. موڭغۇلكۈرەنىڭ ئورنى ئېگىز بولۇپ، تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان، ئالاھىدا جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇنىڭغا بۇ گۈزەللىكنى ئاتا قىلغان.

8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ موڭغۇلكۈرە بازىرى تۇغىلچىن كەنتىدە تارتىلغان تولغان ھەسەن-ھۈسەن (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). 

8-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ  ئۇزۇنبۇلاق يېزىسىدىكى رەيھانگۈللۈكتە تارتىلغان ھەسەن-ھۈسەن.

 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئۇيسۇن تېغىدا تارتىلغان ھەسەن-ھۈسەن.

 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئۇيسۇن تېغىدا تارتىلغان ھەسەن-ھۈسەن. 

7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ نەسىللىك ئات فېرمىسىنىڭ قىچىلىقىدا تارتىلغان ھەسەن-ھۈسەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ