تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۈزۈش، سېتىش ئالدىراشچىلىقى

    ئانار بۇلۇت خەۋىرى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى شىمالىي سانائەت رايونى شىنجاڭ جۇڭجى قىزىل شوخلا كەسپى چەكلىك شىركىتى تيەنيى شوخلا قىيامى زاۋۇتىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى قىيام قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان شوخلىنى يۇيۇپ، ماشىنىدىن چۈشۈرۈشكە تەييارلانماقتا. بۇ يىل، بۇ شوخلا قىيامى زاۋۇتى شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بىلەن 19 مىڭ مولۇق شوخلا تېرىقچىلىق زاكاز توختامى ئىمزالىدى. ھازىر، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھوسۇلنى يىغىپ سېتىشقا تاپشۇردى. (لۈ داگاڭ فوتوسى)

    8-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 101-تۇەن فېڭجيابا مەھەللىسىدە، پارتىيەلىك پىدائىيلار كۆكتات تېرىغۇچى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ چىڭسەي ئورۇشۇپ بەرمەكتە. ھازىر، بۇ تۇەندە مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىلغان چىڭسەي ئارقا-ئارقىدىن پىشتى. (ۋېي شىنجياڭ فوتوسى)

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ–پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ شازغەت يېزىسى ساڭبىگىن بەيشڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى دېھقان ئائىلىلىرىگە ياردەملىشىپ يېمەكلىك ئاپتاپپەرەس يىغماقتا. ھازىر، بۇ ناھىيەدە 15 مىڭ مو يەرگە تېرىلغان يېمەكلىك ئاپتاپپەرەس ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىندى. (خې چېڭچياڭ فوتوسى)

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ياڭيۇ ئېتىزىدا ئوت ئوتىماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى قاينۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. (خۇا يەنمىڭ فوتوسى)

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى، كەنت ئاھالىسى كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى ياقا شۇنۇت كەنتىدىكى شاپتۇللۇقتا توقاچ شاپتۇل ئۈزمەكتە. بۇ بازار «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» شەكلىنى قوللىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، توقاچ شاپتۇل، توغاچ شاپتۇل، ئۈزۈم، قاپاق گىلاس قاتارلىق خاس مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. (ۋۇ لې فوتوسى)

    8-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىخو شەھىرى بەيچۈەن بازىرىنىڭ كادىرى سۇمەييە سىراجىدىن (سول تەرەپ ئالدىدا) گېداچۈەن كەنتىدە قوشماقلاشقان تۇغقىنى گاۋ شەندې (ئوڭدا)غا ياردەملىشىپ يېڭى شاپتۇل ئۈزۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى بىللە قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلىدى. (گاۋ بو فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ