ئاپتور: سېرىك جۇماخان
7-ئايدا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھەرلىك ساياھەت-مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىدا قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى تارالغانىدى، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى بىلەن كۆپكۆك ئاسمان بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، كىشىنى جەلپ قىلاتتى. نېلۇپەر كۆلىدە، نېلۇپەر گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلغان، خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ، كىشى قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. كەچتە، ھەر خىل چىراغ نۇرلىرى باغچە رايونىنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزۈپ، كەلگەن كىشىنىڭ كەتكۈسى كەلمەيتتى.
چۆچەك شەھىرىنىڭ ساياھەت-مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسى شەھەر جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 713 مو، سۇ رايونى كۆلىمى 310 مو كېلىدۇ. بۇ مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسىغا 2019-يىلى 8-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ھەر مىللەت ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى