تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلىق تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان بولدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يۈتاڭ خەۋەر قىلىدۇ) «ئىلگىرى، بىزنىڭ بۇ يەردە ھەر يىلى كۈز پەسلىدىلا ساياھەتچىلەر كۆپ بولاتتى، ھازىر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەر بار، مېنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشالايدىغانلىقىمغا ناھايىتى ئىشەنچىم بار.» 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، توغراقلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شايار ناھىيەسى خادادۆڭ بازىرى ئۇپقان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھەسەن راخمان شۇنداق دېدى.

  تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان شايار ناھىيەسىدە 4 مىليون مودىن كۆپرەك توغراقلىق بار بولۇپ، «دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىق»دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شايار ناھىيەسى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تارىم دەرياسى، قۇملۇق، توغراقلىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساياھەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى — شايەنجوۋ مەنزىرە رايونى، 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى — يۆلياڭۋەن مەنزىرە رايونى، يۇلتۇز دەرىجىلىك ئىككى مېھمانساراي، يۇلتۇز دەرىجىلىك 12 دېھقانلار ئارامگاھىنى قۇرۇپ چىقتى؛ بىر نۇقتا-ئىككى لىنىيە، بىر بايرام-بىر يىغىن، بىر ساراي-ئىككى كوچا رايونىنى بەرپا قىلدى، شايەنجوۋ مەنزىرە رايونىنى مەركەز قىلىپ، شايار-نىيە مىڭ يىللىق سىرلىق قەدىمىي يول ئېكسپېدىتسىيەسى، 139 سىرلىق توغراقلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تاشيولىدىن ئىبارەت ئىككى ئېسىل لىنىيەنى ئېچىپ، ئالاھىدە ساياھەت ۋە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، «دۇنيا توغراق باغچىسى  مىڭ يىللىق سىرلىق شايار» ساياھەت نام كارتىسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىدى.

  مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى، ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن شايارغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۈز پەسلىدىلا ئالتۇن توغراقتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان بولدى. جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋۇ شەن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلار مەيلى قايسى ۋاقىتتىلا بولسۇن ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىكەن. يازلىق ساياھەتنى ئېلىپ ئېيتساق، توغراقلىقتا سۇ ئۈستى تۈرلىرى ئىنتايىل مول ئىكەن، يەنە ھەر خىل مېۋە-چېۋىلەر ۋە مەززىلىك تائاملار بار بولۇپ، سالقىندايدىغان ياخشى جاي ئىكەن.

  تارىم دەرياسى توغراقلىقىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىۋاتقاچقا، شايار توغراقلىق مەنزىرە نۇقتىسىدىكى نۇرغۇن كەنت توردا ئالقىشلانغان، چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلاندى. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 537 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ٪33.93 ئاشتى؛ تەخمىنەن 220 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ٪30.67 ئاشتى. ھەسەن راخمان مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر توغراقلىقتا ياشاۋاتقان دېھقان-چارۋىچىلار ئاڭلىق ھالدا توغراقلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى، چۈنكى، ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ