يېقىندا سۈرەتكە تارتىلغان سەنشيا چوڭ توسمىسى. جېڭ كۇن فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)
خەلق تورى خەۋىرى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، توجياڭ دەرياسى، جيالىڭ دەرياسى، سەنشيا رايونى قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغدى. بۇ قېتىمقى قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن سۇ ئېقىم مىقدارى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8:00دىن باشلاپ ئۆرلىدى، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00دە سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن سۇ ئېقىم مىقدارى سېكۇنتىغا 41 مىڭ 500 كۇب مېتىر بولدى، بۇ، بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان سەنشيا سۇ ئامبىرىغا كىرگەن ئەڭ چوڭ سۇ ئېقىم مىقدارى ھېسابلىنىدۇ.
يېقىندا سۈرەتكە تارتىلغان سەنشيا چوڭ توسمىسى. جېڭ كۇن فوتوسى (خەلق سۈرەت تورى)
مەنبە: خەلق تورى