7-ئاينىڭ 1-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇزۇن 2-كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرمەكتە. (يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ يىپەك يولى تىيانشان خەلقئارا يېمەكلىك شەھەرچىسى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرمەكتە. (سۈن جېنسۇڭ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن نەمۇنىلىك ھەربىي، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق ئۈلگىسى ۋاڭ چېڭباڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرمەكتە. (ياڭ كۇن فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچى ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرمەكتە. (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى كورلا شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا چوڭ ئېكران ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرمەكتە. (ۋېي يىنخې فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزىنىڭ بېلەت سېتىش زالىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالى كۆرسىتىلمەكتە. (جېن مېي فوتوسى)
7-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شەھەرلەردىكى مەھەللىلەر، يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرىدا، كارخانا سېخلىرىدا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا، ھەربىي گازارما قاراۋۇلخانىلىرىدا، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا... شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆرۈپ، گۈللەنگەن دەۋردىكى تۇغۇلغان كۈننى ئورتاق تەبرىكلەپ، 100 يىللىق شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندى.