«پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلغان 100 يىل——پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى» جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق تورى خەۋىرى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيى ئۇيۇشتۇرغان «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىلغان 100 يىل——پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى» 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ بېيجىڭ جۇڭگو پەن-تېخنىكا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمىدە جەمئىي 33 ۋەقە، ئالتە كۆرۈنۈش كەيپىياتى تەسىس قىلىنغان، جەمئىي 46 دانە (يۈرۈش) كۆرگەزمە بۇيۇمى قويۇلغان بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر 100 يىللىق پەن-تېخنىكا مۇساپىسىنى ئەسلەپ چىقىشقا يېتەكلىنىدىكەن. كۆرگەزمە 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلىدىكەن.
چېن شياۋگېن فوتوسى (خەلق رەسىم تورى)