ئانار بۇلۇت ╲ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (باۋ لياڭتىڭ فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 26-كۈنى، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى قارا كۈرجەك كەنتىدىكى پارتىيە تارىخى سارىيىدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شۇ كۈنى، ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى 40 نەپەر پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋە 20 نەپەر يېڭى پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ قارا كۈرجەك كەنتىدىكى پارتىيە تارىخى سارىيىغا كېلىپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى سۆزلىگەن پارتىيە تارىخىنى ئاڭلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى قان تومۇرنى داۋاملاشتۇردى.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى قارا كۈرجەك كەنتىدىكى پارتىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
6-ئاينىڭ 26-كۈنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاۋات ناھىيەسى باغتوغراق يېزىسى قارا كۈرجەك كەنتىدىكى پارتىيە تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.