ئاپتورلار: گاۋ لىجۈەن، يەن يوۋسەي
6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجيېگۇ بازىرىدىكى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا كەلگىنىمىزدە، تاغقا تۇتىشىپ كەتكەن 10 مىڭ مو ياپيېشىل بۇغدايلىق، كۆككە تاقاشقان يىراقتىكى قارلىق تاغلار، ئايىغىمىز ئاستىدىكى كۆز يەتكۈزسىز يايلاق، قارلىق چوققىلار، يېشىل قارىغايلار، پورەكلەپ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى جامبۇلاقنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.
جامبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايون بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان بىر كۆزنەك.
ياۋا ئۆردەكلەر سۇدا ئۈزۈپ ئوينىماقتا.
تاغ ئېتىكىدىكى يېشىل ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلانغان يايلاقتا كالىلار ئوت-چۆپ يېمەكتە.
تاغقا تۇتىشىپ كەتكەن 10 مىڭ مو ياپيېشىل بۇغدايلىق.
تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى، يايلاق، كىگىز ئۆي، ياغاچ ئۆيلەردىن شەكىللەنگەن گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
ئىللىق قۇياش نۇرىدا پورەكلەپ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى ئارىسىدا ساياھەتچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى