ئاپتورلار: جاۋ خەيشەن، ۋېي زىيۈن
ياز كۈنلىرى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسىدىكى ئورمان بەلبېغى، سۇلۇق يەر قاتارلىق جايلاردا تۇمشۇقى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئۇچلۇق، پەيلىرى رەڭگارەڭ چىرايلىق قۇش − سېرىق بوغۇز ھەرىخور قارلىغاچنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئوتتۇرا ھال تىپتىكى قۇشلارنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 23 سانتىمېتىردىن 30 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىغان بولۇپ، بوغۇزى سېرىق رەڭدە، بولۇپمۇ سېرىق ھەرە تۈرىدىكى ھاشاراتلارنى يېيىشكە ئامراق بولغاچقا شۇنداق نام بىلەن ئاتالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، دەريا ۋادىسى رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، 100 خىلغا يېقىن پەسىل قۇشىنى بۇ يەرگە كېلىپ كۆپىيىشكە، ياشاشقا جەلپ قىلدى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)