تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

شىنجاڭ گىرىم بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن خەۋەر قىلىدۇ) 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ گىرىم بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تەشۋىقات ھەپتىلىكى دېيىلدى) ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى، شۇ كۈنى، تەشۋىقات ھەپتىلىكى يەنە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ گىرىم بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى. (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى)

    تەشۋىقات ھەپتىلىكىنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «گىرىم بۇيۇملىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش، قانۇن كاپالىتىدە گۈزەل ياسىنىش» باش تېما قىلىنغان، «گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش نىزامى» قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى، بالىلار گىرىم بۇيۇملىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ۋە گىرىم بۇيۇملىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش ساۋاتلىرى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ بالىلار گىرىم بۇيۇملىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە بولغان تونۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلەيدۇ. 

    «گىرىم بۇيۇملىرى ناچار تەسىر پەيدا قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟» «گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟» شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملىرى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىگە گىرىم بۇيۇملىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى.

    «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى ناھايىتى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىكەن، مەن ساختا، ناچار گىرىم بۇيۇملىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالدىم.» خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى چېن تىڭتىڭ مول نەتىجىگە ئېرىشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما مىڭخۇي مۇنداق دېدى: بۇ تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كارخانىلىرىنى سۈپەت بىخەتەرلىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش بىلەن بىللە، يەنە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن»نىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاندۇرۇلدى.

   

باشلىنىش مۇراسىمىدا، خىزمەتچى خادىملار ئاممىغا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگەتمەكتە. (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى)

   مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، گىرىم بۇيۇملىرى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، تەشۋىقات ھەپتىلىكى مەزگىلىدە يەنە «تېرە ئاسراش كۈنىدە مۇتەخەسسىسلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىش»، «تور ئاممىۋى مەنپەئەت تەربىيەلەش كۇرسى»، «ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئېچىۋېتىش كۈنى»، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش چوڭ دەرسخانىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ