ئاپتورلار: شياۋ يىخۇڭ، جاڭ ۋېنتىڭ، لى نا
5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ زېكتى بازىرى تومۇرلۈك كەنتىدە توپ-توپ مالەنخۇا گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلىپ، چارۋىچىلار، قوي-كالىلار گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا يايلاپ، بۇ يەر سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.
مالەنخۇا گۈلى ماليەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چىغىرتماقگۈل ئائىلىسى چىغىرتماقگۈل ئۇرۇقدىشىغا تەۋە كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ رەڭگى كۆپىنچە كۆك ياكى كۆكۈچ سۆسۈن بولىدۇ، ئېچىلىش مەزگىلى 5-ئايدىن 6-ئايغىچە بولۇپ، پۇرىقى سۇس خۇش پۇراق. مالەنخۇا گۈلى شورغا چىداملىق، يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ۋە شورلۇق يەرنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)