ئاپتورى: شېن جۈچىن
5-ئايدىكى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسى يېشىللىققا پۈركەندى. ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونىدىكى ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ سەيلە قىلغاندا، قۇلاق تۈۋىڭىزدە قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى، قابا دەرياسى سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، كىشىگە سالقىنلىق ئاتا قىلىپ، دىلغا ھۇزۇر، تەنگە ئارام بېغىشلايتى.
ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، قابا ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۆت كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇ تەبىئىي ئۆسكەن ئاق قېيىنزارلىق بەلبېغى ھېسابلىنىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى