كېپىنەك كۆلىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
كېپىنەك كۆلى باغچىسى توققۇزتارا ناھىيەسى بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر كۆلىمى 606 مو، سۇ رايونى كۆلىمى تەخمىنەن 270 مو كېلىدۇ، سۇ رايونىنىڭ شەكلى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن كېپىنەككە ئوخشىغانلىقتىن شۇنداق نام بېرىلگەن. بۇ باغچە ھازىر شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئالىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى «ئېكولوگىيەلىك يېشىل شەھەر، شۈييۈن كېپىنەك شەھىرى»دىن ئىبارەت شەھەر ئورنىغا ئاساسەن، يېشىل تەرەققىياتقا كۈچىدى. 2020-يىلى، بۇ ناھىيە 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 16 جايغا كىچىك ساياھەت باغچىسى قۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئازادە، گۈزەل مۇھىت بىلەن تەمىنلىدى. (جاڭ چىڭخۇا فوتوسى)
كېپىنەك كۆلى باغچىسىدىكى «ئانار دانىسى» كىتابخانىسى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
كېپىنەك كۆلى باغچىسىدىكى تاش ئەگمە كۆۋرۈك (5-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شەھەر ئىچىدىكى كېپىنەك كۆلى باغچىسى (5-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).