يېقىندا، بىرقانچە قۇلۇلىخور قىليورغا شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا «قەدەم تەشرىپ» قىلىپ، قۇشلارنى تاماشا قىلىش ھەۋەسكارلىرىنى چەكسىز خۇشال قىلدى.
قۇلۇلىخور قىليورغا ئوتتۇرا تىپتىكى تېيىز سۇ قۇشى بولۇپ، پەيلىرى قاپقارا ياكى قارا، ئاق ئىككى رەڭنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى دېڭىز بويىدىكى تاغ جىنىسلىرى ياكى قۇملۇق ساھىللىرى، دەريا ئېغىزلىرى، قۇم بەلباغلىرىدا ياشايدۇ، كۆل، سۇ ئامبىرى، قومۇشلۇق قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. بىزگە تونۇشلۇق بولغان تەمسىل «قىليورغا بىلەن قۇلۇلە تۇتۇشۇپ قالسا، پايدا بېلىقچىغا بوپتۇ»دا دېيىلگەن «قىليورغا» دەل شۇنى كۆرسىتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، قۇشلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى.
(ئاپتورلار: نۇرمانباي جېتمىسباي، خې زىۋېن ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى