تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىلگىرىكى نامرات كەنت بۈگۈنكى كۈندە ساياھەت كەنتى بولدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن خەۋەر قىلىدۇ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى تۈگۈرمىتى كەنتىدە تۈرلۈك دۇكانلار ئاۋاتلىشىپ، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى زورىيىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى مەنىلىك ھەم ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

   «بىزنىڭ بۇ يەر ئىلگىرى نامرات كەنت ئىدى، ھازىر كەنتتە كەسىپ ناھايىتى كۆپ، ھەميېنىمىز تومپىيىپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ رەڭدارلاشتى» دېدى كەنت ئاھالىسى قالىپا جۇما ھاياجانلانغان ھالدا.

   2018-يىلى، شۇ جاينىڭ چۆل-باياۋان، جىلغا تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە قىرغىز مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى خاسلىقى روشەن، ئۆرپ-ئادەت پۇرىقى قويۇق كۇنخې مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بازىسىنى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنى تۈرلۈك دەل-دەرەخ تىكىشكە تەشكىللەپ، كەنت قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈردى، بازا ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردى. «جىلغىدا لەيلەپ ئېقىش» ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى يېمەك-ئىچمەكلىرىنى خاسلىق قىلىپ، ساياھەت رايونلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە قىزىقارلىقلىقىنى ئاشۇردى.

   كەنت ئاھالىسى ئۈمۈتجان ساكېن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ خەتىرى بار دەپ ئويلىدىم، ئەمما خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى مېنى ئىلھاملاندۇردى. كەنتنىڭ مۇھىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەرنىڭ راستتىنلا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بۇ يېڭى خىزمىتىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن». 

   ساياھەتچىلىك بىلەن شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش تۈگۈرمىتى كەنتىنىڭ خاسلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى «ئالدى ھويلىدا گۈل، ئوتتۇرا ھويلىدا كۆكتات، ئارقا ھويلىدا دەرەخ» بولغان گۈزەل يېزا-كەنتتە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالماقتا.

   «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، كەنتىمىز قانداقمۇ چۆللۈكتىن گۈزەل چوڭ گۈللۈككە ئايلىنالىسۇن؟» دېدى كەنت ئاھالىسى ئانار ماكان خۇشال ھالدا: «ساياھەتچىلەر كۆرۈپ رازى بولۇپلا قالماي، ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق مۇھىتتا تۇرسام، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدىكەن» دېدى.

   كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنتتە دۇكان، بازار، كەچلىك بازار، مەدەنىيەت-ئىستىراھەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى بەرپا قىلىنىپ، «مەززىلىك تائاملار + ئىستىراھەت» ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تېخىمۇ كۆپ سۇپا ھازىرلاپ بېرىلدى.

   كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى تىجارەتچىگە ئايلاندى. كەنت ئاھالىسى ئاينۇر غوپۇر ئېرى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا ناۋايخانا ئاچتى، تۈرلۈك نان، سامسا، راڭپىزا، لەڭپۇڭ قاتارلىقلارنى سېتىپ، ئايلىق كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

   «ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدا ھەر خىل دۇكان بار، شەھەرگە بېرىپ مال سېتىۋالمىساقمۇ بولىدىغان بولدى. كەنتتىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭ، ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى» دېدى ئاينۇر.

   بىرتۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، تۈگۈرمىتى كەنتىدىكى تۈرلۈك كەسىپلەر تەدرىجىي زورىيىپ، ھەم ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش، ئىستېمال قىلىش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئېھتىياجىغا قولايلىق ياراتتى، ھەم ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى، ئىلگىرىكى نامرات كەنت نامى يىراق-يېقىنغا تارقالغان ساياھەت كەنتىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ