ئاپتور: چۆ.خۇرە
4-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى خارمۇدۇن بازىرى خارمۇدۇن كەنتىدىكى دېھقانلار لازا ئېتىزىدا ماشىنا بىلەن كۆچۈرۈپ تىكىش مەشغۇلاتى ئېلىپ باردى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيەلىرى زاكازلىق لازا تېرىش خىزمىتىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇردى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يەر ئاغدۇرۇپ، سولياۋ يوپۇق يېپىپ، سۇغىرىپ، قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىدى.
يەنجى ئويمانلىقى شىنجاڭ لازا ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىكى مۇھىم بازىلارنىڭ بىرى، بۇ يىل، بايىنغولىن ئوبلاستى 530 مىڭ مو يەرگە لازا تېرىشنى پىلانلىدى.