تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ قەشقەر: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «كۆكتاتلىقى»نى بەرپا قىلىش

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىكتا قوغۇن مايسىلىرىنى چاڭلاشتۇرماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى  شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ قەشقەرگە (شەندۇڭ شۈيفا) ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن زامانىۋى كۆكتات كەسىپلەر باغچىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4711 مو كېلىدۇ، جەمئىي 1 مىليارد 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. نۆۋەتتە، كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 1-قارارلىق تۈرىدىكى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىك، 4000 كىۋادرات مېتىرلىق مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى ۋە 200 كۈن نۇرى پارنىكى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى، قالغان 700دىن ئارتۇق كۈن نۇرى پارنىكى بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  كەسىپلەر باغچىسى مۆلچەرلىنىشىچە يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا يېڭى كۆكتات ئىشلەپچىقىرىپ، يىلىغا 1 مىليون توننا كۆكتات پىششىقلاپ، 3000 ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن مۇقىم تەمىنلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆۋەن، سورتى ئاز، بازارغا سېلىنىش مۇددىتى قىسقا، باھاسى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ «كۆكتاتلىق»ىنى بەرپا قىلىدىكەن.

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىكتا تاۋۇز مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىكتا قوغۇن مايسىلىرىنى چاڭلاشتۇرماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە يېتىشتۈرۈلگەن لازا مايسىلىرىنى قاچىلىماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، تازىلىق خادىمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىكتا خىزمەت قىلماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىزمەتچى خادىم مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە لازا مايسىلىرىنى سۇغارماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 17-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەينەك پارنىكنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خوۋ جاۋكاڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ