تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ نەچچە مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ شىنجاڭغا كېلىپ تۇغقان يوقلاش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جىڭ لىجۈن

4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەق ئېلىش پونكىتىدا، «تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، قېرىنداشلىق مېھرىمىز ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىلغان پىكاپ بىرسىنى ساقلاۋاتاتتى، بۇنى ھۈسەنجان تالىپ ئائىلىسىدىكىلەر خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭغا ئوينىغىلى كېلىۋاتقان تۇغقانلىرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغانىدى.

3-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 4- بېتىدە ئېلان قىلىنغان «دادام جان ئۈزۈش ئالدىدا <ئارىلىشىپ تۇرۇڭلار>دەپ تاپىلىغان، تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، قېرىنداشلىق مېھرىمىز ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ» دېگەن ماقالىدە بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسى تەپسىلىي بايان قىلىنغانىدى. شيا شياڭلەننىڭ دادىسى ئىلگىرى داۋالاش خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لوپنۇر ناھىيەسىگە چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىدا ھۈسەنجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قاتارلىق يۇرتداشلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىزچىل ئالاقىلىشىپ كەلگەنىدى. ماقالىدە، شيا شياڭلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېقىندا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلغاچ، كورلىدىكى تۇغقىنى ھۈسەنجان ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاشنى پىلانلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى.

ئالتە كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، شيا شياڭلەن ئاپىسى، ئاكىسى، يەڭگىسى، خىزمەتدىشىنى ئېلىپ بەشەيلەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كورلا شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار كۆرۈشۈپلا قۇچاقلىشىپ، خۇشاللىقتىن كۆز يېشى قىلىشتى. «ئاپامنىڭ ئىزچىل دادام ھەمىشە ئويلايدىغان شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىش ئويى بار ئىدى، ئاخىر ئارزۇسىغا يەتتى» دېدى شيا شياڭلەن.

«ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، مېھمانخانىدا ياتماي، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرۇڭلار، ھازىر بېيىدۇق، ئۆيىمىز ناھايىتى ئازادە، قانداق تۇرساڭلار بولۇۋېرىدۇ» دېدى ھۈسەنجان ئۇلارنى ئۆيىگە ئېلىپ ماڭغاچ، شيا شياڭلەن ياردەملىشىپ قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ، يەرلەرنى سۈرتتى، قىلچىمۇ قورۇنمىدى.

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، كورلا شەھىرىدە 10 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈتلەر ھۈپپىدە چېچەكلەپ، بىر پارچە ئاپئاق گۈل دېڭىزىغا ئايلانغانىدى، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان نەشپۈت چېچىكى بايرىمى كورلا شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ھۈسەنجان ئائىلىسىدىكىلەر شيا شياڭلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، نەشپۈت چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىدى، كەلگۈسى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى، كۈلكە -چاقچاق قىلىشتى، شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

شيا شياڭلەننىڭ ئاكىسى شيا جيەنجۈن ھەر يىلى شىنجاڭغا كېلىپ يېرىم يىل خىزمەت قىلاتتى، بۇ قېتىم ئۇ ئالايىتەن خوتۇنىنى ئېلىپ كورلا شەھىرىگە كېلىپ كۆپچىلىك بىلەن جەم بولدى.

«ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلغۇسى بار ئىدى، مەنمۇ ئۇلارنى يەنە نۇرغۇن جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىشنى پىلانلىغانىدىم» دېدى ھۈسەنجان كۈلۈپ تۇرۇپ، «بىز بۇ قىممەتلىك قېرىنداشلىق مېھرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ