ئاپتورلار: خۇ گوكەي خەن دۇڭ
4-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئۈجمىلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ساياھەتچىلەرنى كېلىپ ئۈزۈشكە جەلپ قىلدى. توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى شياڭچۈەن مەھەللىسىدىكى دېھقان شى پېڭفېينىڭ ئۈجمە پارنىكىغا كىرسىڭىز، ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۈجمە دەرىخىدە مەي باغلىغان، قىزىل، سۆسۈن، قارا، ئاق ئۈجمىلەر كىشىنى بەكلا جەلپ قىلىدۇ.
توقسۇن ناھىيەسىدە، ئۈجمە دەرىخى تىكىش بىرقەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۈجمە توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئەڭ بۇرۇن پىشىدىغان مېۋە. ھەر يىلى 4-ئايدىن 5-ئاينىڭ بېشىغىچە، ساياھەتچىلەر ھەرقايسى جايلاردىن بۇ يەرگە ئۈجمە ئۈزۈپ-تېتىپ بېقىشقا كېلىدۇ.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: توقسۇن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، توقسۇن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى