تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يول تورى راۋان كۈنلەر گۈزەل

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىگە جايلاشقان قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى كەنت ئاھالىلىرىگە قۇربان تاغىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدىكى پارنىكتا تاۋۇزلارنىڭ يوغىناش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، خادىم گۇما ناھىيەسىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسىپلەر باغچىسىدا شياڭگۇ ئۈزمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ كەسىپلەر باغچىسى شياڭگۇ، قارا مور قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پوسكام ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ (4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ زىيارەت قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇدا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

  قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش-ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر (4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن يولغا چىقىپ، تۇرپان-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G3012)نى بويلاپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىگە كەلدى. يول بويى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  يېڭىلىق يارىتىش——تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، شۇ جاي «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىلىق يارىتىشچانلىق بىلەن مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەرگە زامانىۋى «كاتتا تون»كىيگۈزدى، قەدىمىي شەھەرنى ساياھەتچىلىكتە داكا قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچىنى «ئىجادكار»غا ئايلىنىشقا جەلپ قىلدى.

  ماسلاشتۇرۇش——سىجىل ساغلام تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تەلىپى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدە قاتار-قاتار يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر بىلەن شەھەر، شەھەر بىلەن يېزا، ئوبلاست بىلەن ئوبلاست ئوتتۇرىسىدىكى، شىنجاڭ ئىچى-سىرتى ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە بېرىش-كېلىش تېخىمۇ قولايلاشتى، ئوخشاش بولمىغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى يەنىمۇ كۈچىيىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان «قان تومۇرى»لىق رولى كۈنسېرى نامايان بولدى.

  يېشىل بولۇش——يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، بىز 17 يىلدىن بۇيان، ئاتۇشلۇقلار جۈپ قولى بىلەن بەرپا قىلغان پارچە-پارچە يېشىللىقنى كۆردۇق، ئىلگىرىكى «گىياھ ئۈنمەيدىغان يەر» «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا»غا ئايلانغانىدى. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاتار-قاتار دەرەخلەر ھەربىرىمىزگە باھار ھىدىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئېچىۋېتىش——يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. پوسكام ناھىيەسىدە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پوسكام ئالتۇن توغراق دۆلەت ئورمان باغچىسىنىڭ مەنزىرىسىدىن كەڭ-كۇشادە ھۇزۇرلاندى. مىڭ يىللىق توغراق قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ دۇنيانى باغاشلىدى.

  ئورتاق بەھرىمەن بولۇش——تەرەققىياتنىڭ نىشانى ۋە ماكانى. ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ تېرىيدىغان يېرى، باقىدىغان چارۋىسى بار بولۇپ، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تۇرمۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى كۆچۈرۈلگەن ئامما ئاتا-بوۋىلىرىمۇ ئويلاشقا پېتىنالمىغان بەختلىك تۇرمۇشنى كەچۈرمەكتە.

  يول بويى مېڭىش جەريانىدا، يەنە نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايە ۋە مەنزىرىلەر كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى، دەل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا، چوقۇم تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ