ئاپتورلار: لى پېڭجۈ زاياباتۇ
4-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىللىق باھار شامىلىدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە زىرە تېرىيدىغان ئائىلىلەر ھاۋا ئوچۇق كۈنىنى چىڭ تۇتۇپ، زىرە تېرىشقا باشلىدى، ئېتىزلاردا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى دېھقانچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى مەۋقە قىلىپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ دېھقانلارنى زىرە تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ يىل زىرە تېرىلىدىغان كۆلەم 3000 موغا يېقىنلاشتى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى