ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىگە يەنە يېرىم ئاي بولسىمۇ، لېكىن ئىچكىرى رايونلاردىكى نۇرغۇن ساياھەتچى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساياھەت قىلغاندا تۇرىدىغان ياتاق، مېھمانساراينى ئىزدەپ ئالدىن زاكاز قىلىشقا باشلىدى.
4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئالى بابا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسى فېيجۇ ئېلان قىلغان «1-ماي» ساياھىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل «1-ماي»دا ساياھەتكە چىقىشنى ئالدىن زاكاز قىلىشتا تارىختىكى يېڭى پەللە يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېقىندا ئۈرۈمچىنى ساياھەت قىلىشنى ئىزدەش قىزغىنلىق دەرىجىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %500 ئاشقان.
مەنزىل قىزغىنلىق دەرىجىسىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجوۋ، سەنيا، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، شېنجېن، شيامېن، نەنجىڭ ۋە ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردىن ئالدىن زاكاز قىلىش قىزغىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتىكى شىنىڭ، ئۈرۈمچى، لەنجوۋ ۋە سىچۇن ئۆلكىسىنىڭ گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بارغانسېرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، ئىزدەش قىزغىنلىق دەرىجىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %630، %500، %380 ۋە %510 ئاشقان.
فېيجۇ سانلىق مەلۇماتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە 2-، 3-قاتاردىكى شەھەرلەردىن خەينەن، گەنسۇ، شىنجاڭ قاتارلىق قارشى ئېلىنىدىغان مەنزىللەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش سالمىقى بىرقەدەر زور بولۇپ، ساياھەتچىلەر «1-ماي» مەزگىلىدە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلسە، قاتناش تەننەرخىنى تېجىيەلەيدىكەن.