تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ خېجىڭ: گۆش كەپتىرى باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى

ئاپتورلار: ياڭ كۇن، لى خۇيخۇي

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتىدە، گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۆلچەملەشكەن كەپتەر باقمىچىلىق مەيدانىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە. بۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە جەمئىي 3000 كەپتەر باچكىسى تۇخۇمدىن چىققان بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېتىلىپ تۈگەيدىغانلىقى، سېتىلىش سوممىسىنىڭ 70 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسى نۆۋەتتە 81 كەنت ئاھالىسىنىڭ گۆش كەپتىرىنى مەركەزلىك ۋاكالىتەن باشقۇرماقتا ھەم ئەتراپتىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلا ـ ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، تۈرتكە بولماقتا.

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق بايلىقى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە بايلىق ۋە خاس ئەۋزەللىكنى خەلقنى بېيىتىش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى باقمىچىلىق بىلەن خاس باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار كەپتەرلەرگە يەم ـ خەشەك تەييارلىماقتا ( 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).  (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار گۆش كەپتىرىگە  يەم بەرمەكتە (3-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار كەپتەرخانىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا (3-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار كەپتەرلەرنىڭ دان يېيىش، سۇ ئىچىش، تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىمەكتە ( 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار كەپتەرلەرنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە ( 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچىلەر چوڭ كەپتەر قەپىزى ئىچىدىن نەسىللىك كەپتەرلەرنى تاللىماقتا ( 3ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار تۇخۇم بېسىش ماشىنىسىغا كەپتەر تۇخۇمى سالماقتا ( 3ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى  گولجېت ئۇل يېزىسى چاغان ئۇسۇن كەنتى گۆش كەپتىرى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدىن بىر كۆرۈنۈش ( 3ـ ئاينىڭ 11ـ كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ كۇن فوتوسى)                            

  ( ئاپتورلارنىڭ ئورنى: بايىنغولىن گېزىتى  خېجىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزى )

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ