ئاپتور: ما خۇڭمېي، ما رۇيلىڭ، ياۋ مىڭجۈن، ئەنۋەر ئابلىمىت
يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى «شىنجاڭغا قۇلاق سېلىش» باش تېمىسىدىكى ساياھەت تەشۋىقات پائالىيىتىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە توردا ئەسەر توپلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇردى.
بۈگۈن، سىزنى خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز.
خوتەن ۋىلايىتىدە ئەتىياز شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايىغا قارىغاندا بالدۇرراق كېلىدۇ. لوپ ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسى چېچەك پەسلىگە كىردى. ھال رەڭ، خۇش پۇراق چېچەكلەر بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى. گۈل دېڭىزى گۈل تاماشا قىلغۇچىلارنى جەلپ قىلدى، گۈللەر چىرايلىق، قىزلار گۈزەل، باھار تېخىمۇ گۈزەل.