4-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى ۋە ساڭشيەن ناھىيەسى لۈرەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى كۈزلۈك چىلان دەرىخىنىڭ تۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجوۋ شەھىرى ساڭشيەن ناھىيەسىدىكى كۈزلۈك چىلان پارنىكىدا، چىلانچى دېھقانلار كۈزلۈك چىلان پەرۋىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كۈزلۈك چىلاننىڭ بازارغا سېلىنىش سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساڭشيەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شۆفېڭ فوتوسى
4-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى ۋە ساڭشيەن ناھىيەسى لۈرەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرى ئۈسكۈنە ۋە يان تېلېفون ئارقىلىق پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسىنى تەڭشىمەكتە.
4-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى ساڭشيەن ناھىيەسى لۈرەن يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ ئەزالىرىغا كۈزلۈك چىلان دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.