تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قىزىل كىنو كۆرۈپ غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش

  4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ۋاڭ يۇڭچياڭ (ئوڭدىن 2- كىشى)  ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە «لەخمە ئۇرۇشى» ناملىق فىلىمنى كۆرمەكتە.

مۇخبىر گەن شىڭخۇا فوتوسى

  تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گەن شىڭخۇا، رېن چۇنشياڭ

  يەنە بىر يىلدىكى چىڭمىڭ مەزگىلى. قىزىل كىنو كۆرۈشنى تاللاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، قەلبنى تاۋلاش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇش نۇرغۇن كىشىنىڭ چىڭمىڭلىق قىسقا دەم ئېلىشنى ئۆتكۈزۈشىدىكى باشقىچە ئۇسۇلغا ئايلاندى.

  «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا 100 قىزىل كىنونى كۆزگەزمە قىلىپ قويۇش» پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا قىزىل كىنو كۆرۈشنى ئالدىن كېلىشىپ مەيدان ھۆددە ئالغان ئىدارىلەر بالدۇرلا ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى. بۇ تىياتىرخانا پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سۇ لېي مۇنداق دېدى: «ئىدارىلەرنىڭ مەيدان ھۆددە ئېلىپ قىزىل كىنو كۆرۈشتىن باشقا يەنە، كىنوخانىدىمۇ ھەر كۈنى قىزىل كىنو قويۇلىدۇ».

  4-ئاينىڭ 4-كۈنى، خەلق كىنوخانىسى «كىچىك ئەسكەر جاڭ گا» ناملىق كىنونى بەش مەيدان ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ كىنوخانا كەسىپ بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى پېي جۈنتاۋنىڭ ئېيتىشىچە، كىنو كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى  ئامال بار قاندۇرۇش ئۈچۈن، قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە  كىنوخانا كۆپ مەيدان قېتىم قىزىل كىنو ئورۇنلاشتۇرغان.

  كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرۈشتىن باشقا، ئۆيدە قىزىل كىنولارنى قايتا ئەسلەش كىشىلەرنىڭ بالىلارغا قىزىل تەربىيە بېرىشىدىكى ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى چىداۋەن يولى نەنفاڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭچياڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇپ، ئۇ ئوخشاشلا ئۆيدە بالىسىغا ھەمراھ بولۇپ قىزىل كىنو كۆرۈشنى تاللىدى. «بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ بالام بىلەن بىللە قىزىل كىنو كۆرۈپ، تارىخنى قايتا ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، بالىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يېتىلدۈرىمەن» دېدى ئۇ.

  ۋاڭ يۇڭچياڭنىڭ بالىسى بىلەن بىللە قىزىل كىنو كۆرۈشتەك بۇ ھەرىكىتى، قىزى ۋاڭ لىنگونى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى. «مەن مەكتەپتە <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى قىزىل پارتىيە تارىخى تەشۋىقات ئۆمىكى>نىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ۋەتىنىمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى ۋاڭ لىنگو.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى