ئاپتور: مايىر، لى شۆئېر
4-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس شەھىرى ئەتىيازدا ياغقان قارنى كۈتۈۋالدى، قار ئۇچقۇنلىرى يۇمران شاخ ۋە غۇنچىلارغا چۈشۈپ، كۆزنى چاقنىتىپ، دەرەخ بىخلىرى ۋە چېچەكلەرنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاس شەھىرى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شەھەر مۇھىتىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. قار ياغقان ھەم يېشىللىققا پۈركەنگەن كوچىلارنى سەيلە قىلىش كىشىنى روھلاندۇرىدۇ.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قورغاس شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى