3-ئايدا، ھاۋا كۈنسېرى ئىللىشقا باشلىدى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە، بىر قىش «ئېغىر ئۇيقۇدىكى» ئۈزۈمزارلىق ئويغىنىشقا باشلىدى.
3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۈزۈم بازىسىدىكى 100 مىڭ مو كۆلەمدىكى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ تەكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ ئۈزۈم تاللىرى باراڭغا ئېلىندى، تۇپراققا كۆمۈلگەن ئۈزۈم تاللىرى ماشىنا ۋە ئادەم كۈچىنىڭ ياردىمىدە يېيىتىلىپ، قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدى.
1998-يىلىدىن بۇيان، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خورا تېغى ئېتىكىدىكى چۆللۈكتە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، 20 نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى چۆل-جەزىرە 100 مىڭ مو كۆلەملىك ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم بازىسىغا ئايلىنىپ، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، ھاراق ئېچىتىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈزۈم ھارىقى كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى، بۇ جايغا 28 كارخانا ماكانلاشقان بولۇپ، يىلىغا 35 مىڭ كىلولىتىر ئۈزۈم ھارىقى پىششىقلىيالايدۇ.
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئۈزۈم بازىسى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
( ئابدۇسالام ئابلەت فوتوسى)
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم بازىسىدىكى 100 مىڭ مو كۆلەملىك ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمزارلىق (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
(ئابدۇسالام ئابلەت فوتوسى)
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى تىراكتورلىرىنى ھەيدەپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئۈزۈم بازىسىدا تەكلەرنى ئاچماقتا.
(ما گوچىڭ فوتوسى)
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم تاللىرىنى كولاپ چىقارماقتا.
(ما گوچىڭ فوتوسى)
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم تاللىرىنى كولاپ چىقارماقتا.
(ما گوچىڭ فوتوسى)
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم بازىسىدا، باراڭغا ئېلىنىدىغان ئۈزۈم تاللىرى رەتلەندى.
(ما گوچىڭ فوتوسى)
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۈزۈم بازىسىدىن كۆرۈنۈش.
(ما گوچىڭ فوتوسى)
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: يەنجى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى