تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى قارا بۇغرا بازىرىدىكى ۋېيخۇ سۇلۇق يېرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە، كۈل رەڭ تۇرنا، ئۇقار، قىرغاۋۇل قاتارلىق ھەرخىل قۇشلارنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، ئوتلاقتىكى قوي-كالىلار بىلەن بىر پارچە ئېكولوگىيەلىك ئىناق يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغانىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى. ھەر يىلى ئەتىياز، كۈز پەسلىدە بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى