يېقىندا،
«مەن شىنجاڭ پاختىسىنى قوللايمەن» دېگەن سادالار
ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىلىپ،
H&M قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئىغۋا توقۇپ شىنجاڭ پاختىسىنى توسقانلىقى ئەيىبلەندى
شۇنىڭ بىلەن بىللە،
شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرە سۈرەتلىرىمۇ
تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە قوزغىدى.
تورداشلار مۇنداق دېدى:
شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسىدىن باشقا،
يەنە ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىلىرى بار.
ھەربىر پارچە سۈرەتنى ئېكرانغا ساقلىۋالدىم، بارغۇم بار.
ئىنتايىن گۈزەلكەن، ئۆيدىكىلەر بىلەن شىنجاڭغا ساياھەتكە بېرىشنى ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتقانىدىم، ئوبدانراق پىلانلىسام بولغۇدەك.
دوستلىرىم شىنجاڭغا بارغان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە قەيەرگىلا قارىسا گۈزەل مەنزىرە بولۇپ، سۈرەتنى قايتا ئوڭشاشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.
...
بۇلارغا ھەيران قالماڭ.
كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا،
شىنجاڭ مۇنداق ھالەتتە بولىدۇ.
سىز ھاياجانلىنىۋاتامسىز قانداق؟
تۇرگېن ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى
سايرام كۆلى
يەنە «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە كۆز يېشى» دەپ ئاتالغان
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە
قورغاستىكى ئۈستىقۇددۇس
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە
پامىر ئېگىزلىكى
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە
ناراتتىكى بوشلۇق يايلىقى
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە
موڭغۇلكۈرەدىكى قىچىزارلىق
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە
مايتاغ-كۇچا تاشيولى
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 6-ئايدىن 9-ئايغىچە
قاناس يۆلياڭۋەن
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 6-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە
كۆكتوقاي
ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە
مەيلى نارات بوشلۇقتىكى يايلاقنىڭ ھەيۋەتلىك، بىپايان مەنزىرىسى بولسۇن،
ياكى قويۇق ئورمانلار بىلەن قاپلانغان كۆكتوقاي بولسۇن،
شىنجاڭدىكى تاغ-دەريا، ئورمان، قۇملۇق، كۆل
قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرىدۇ.
ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى،
دۇنياغا ھەقىقىي گۈزەل، رەڭدار شىنجاڭنى بايان قىلىپ بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ.