تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

جېجياڭ جىڭنىڭ: شېشياڭ يېزىسىدىكى چاي پىششىقلاش كارخانىسى چاي ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

  3- ئاينىڭ 23- كۈنى، جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بىر چاي پىششىقلاش كارخانىسىدا ئىشچىلار چاي ياساش سىخىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  نۆۋەتتە، جېجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان لىشۈي شەھىرىنىڭ جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈش، پىششىقلاشنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە كىردى. جىڭنىڭ دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى بولغان خۇيمىڭ چېيى چىقىدىغان جاي. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكلىشى، چاي ياساش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى ئارقىلىق، چاي ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، چاي سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چايچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (لى سۇرېن فوتوسى)

  3- ئاينىڭ 23- كۈنى، جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بىر چاي پىششىقلاش كارخانىسىدا، خۇيمىڭ چېيىنى قولدا ياساش ھۈنىرى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ليۇ جىنمېي (ئالدىدا) تاماملاش سېخىدا تاماملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  3- ئاينىڭ 23- كۈنى، جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى بىر چاي پىششىقلاش كارخانىسىدا، ئىشچىلار چاي ياساش سىخىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.


  «شىنخۇا تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ