ئاپتورى: جاۋ خەيشەن، ۋېي زىيۈن
تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى سۇلۇق يەردە بىر توپ قىزىل پاچاق قىليورغا پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ قىزغۇچ ئۇزۇن پاچىقى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، يىراقتىن قارىسا ئۇلار خۇددى ئېگىز پاشنىلىق قىزىل رەڭلىك ئاياغ كىيىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
قىزىل پاچاق قىليورغا كۆچىدىغان قۇش تۈرىگە تەۋە بولۇپ، ئادەتتە ئوتلاق، كۆل، دېڭىز بويى قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى ئېكولوگىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى، 2020-يىلى، قابا ناھىيەسى 4-تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بولۇپ باھالاندى.
(ئاپتور: قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن)