تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاغرىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم»

گەرجەستەبانۇم ئابدۇرېشىت:

«ئاغرىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، گەرجەستەبانۇم ئابدۇرېشىت ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپى ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ دەرسخانىسىدا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن مۇئەللىمنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى.

بۇ يىل 2 - ئايدا، گەرجەستەبانۇم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق شىنخۇا دوختۇرخانىسى ئۆپكە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىن جىددىي داۋالاش بۆلۈمىگە يۆتكەلدى، خىزمىتى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنخۇا دوختۇرخانىسى ئىلى ئوبلاستلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش - قۇتقۇزۇشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قىلىپ بەلگىلەندى. دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتى دەرھال يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش - قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللىدى، گەرجەستەبانۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس سۇنۇپ، پەرۋىش بۆلۈمىگە جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

«مەن پارتىيە ئەزاسى، بۆلۈمدە مەن ئەڭ ياش، مەن ئاتلانسام ئەڭ مۇۋاپىق!» گەرجەستەبانۇم جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسىغا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق قەسىمىنى يازدى.

دوختۇرخانىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، گەرجەستەبانۇم ئاندىن بۇ ئىشنى ئانىسىغا ئېيتتى، ئۇ ئۆيدە ھېچقانداق ھايالشىمايلا، بىۋاسىتە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئاتلاندى.

يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان كېسەللىك رايونىدىكى ھەرقايسى يوللاردىن كىرىپ - چىقىش تەرتىپى، داۋالاش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن پىششىق تونۇشۇش، تۈرلۈك تەربىيەلەشلەرگە قاتنىشىش... بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ، گەرجەستەبانۇم ئالدىراش خىزمەت ھالىتىگە كىردى.

«تۇنجى ئاغرىق مىسالى دوختۇرخانىغا كەلگەندە، مەن تۇنجى بولۇپ ئايرىش كىيىمىنى كىيىپ ئايرىۋېتىلگەن كېسەلخانىغا كىردىم.» گەرجەستەبانۇم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇلغانغان رايونغا رەسمىي كىرگىنىمدە، يەنىلا سەل جىددىيلەشتىم.

«پاكىز رايوندىن يېرىم بۇلغانغان رايونغىچە، يەنە بۇلغانغان رايونغىچە، گەرجەستەبانۇم بىر تەرەپتىن قاتمۇقات مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە توختىماي مەدەت بەردى. ئۆزىدىن بەكرەك جىددىيلەشكەن ئاغرىقلارنى كۆرگەندە، گەرجەستەبانۇم ئۆزىنىڭ بىر تېببىي خىزمەتچى ئىكەنلىكى، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ بۇرچى ئىكەنلىكى، ئاغرىقلارنى كېسەللىك ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ۋە جاسارەتكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئويلىغاندا، ئۇنىڭدا بىر خىل كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئىختىيارسىز پەيدا بولاتتى.

بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، گەرجەستەبانۇم ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان 12 ئاغرىق مىسالىنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش، پەرۋىش قىلىشقا قاتناشتى. ھەر قېتىم كەيپىياتىدا تەشۋىشلىنىش كۆرۈلگەن ئاغرىقلارنى ئۇچراتقاندا، ئۇ ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ، ئاغرىقلارنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەنە يېڭى سېسترالار داۋالاش - قۇتقۇزۇش قوشۇنىغا ئۈزلۈكسىز قوشۇلدى. بۇ چاغدا گەرجەستەبانۇم دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 2 -، 3 - زاپاس ئەترەتتىكى سېسترالارنى تەربىيەلەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، قايتا - قايتا ئىشلەپ كۆرسىتىپ، جۈملىمۇجۈملە تاپىلاپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى «سەپداش»لىرىغا قىلچە قالدۇرۇپ قويماي ئۆگەتتى.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، گەرجەستەبانۇم مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى دېگەن نامغا ئېرىشتى، 2021 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى. يېقىندا، شىنخۇا دوختۇرخانىسى ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يۆتكىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە مەكتىپى ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئەۋەتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بىلىم ۋە ئىدىيەلەرنى ئۆگەندى.

«مەن پەقەت بىر كومپارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغان بولساممۇ، لېكىن شۇنچە كۆپ شەرەپلەرگە ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىقلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدايمەن، بۇ مېنىڭ بۇرچۇم» دېدى گەرجەستەبانۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ