تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

باھاردا سۈرەتلەنگەن مول ھوسۇل مەنزىرىسى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ جىنچى): ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، 14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشى بىر مىنۇتمۇ كىچىكتۈرمەستىن قايتا ئىش باشلىدى.

تۈر قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغىنى يوق. 2020 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، سۇ بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىقتىن، قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئاستا بولغان بولۇپ، دائىم قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى ئىگىلەپ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان 14-شى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ فېڭ سۇ ئىشلىرى شىركىتىنى دەرھال ماسلاشتۇرۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى رېمونت قىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

«مەكتەپ ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، مەكتەپنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرلىرىگە چېتىلىدىغان تۈرلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدۇق» دېدى شۈ فېڭ.

«مائارىپ ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش» بۇ يىل 14 ـ شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «ئونغا يېتىشىۋېلىش، ھالقىش» نىشانىنىڭ بىرى، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. شى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، خۇاشەن ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە بېيجىڭ يوۋشى مائارىپى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇمقاش ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تارىم داشۆسىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر شى، شەھەرنىڭ كەسپىي ئالىي مائارىپنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن قۇرۇمقاش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى.

مائارىپ تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تۈر قۇرۇلۇشلىرىمۇ جانلاندى.

گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدا، 300 كۈن نۇرى پارنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا. گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى 3 ـ ليەنىدىكى دېھقان ئابدۇۋەلى ئەخمەت مۇنداق دېدى:«بۇ يىل، پارنىكىمغا بەسەي، لوبو تېرىيمەن، يىل ئاخىرىدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن. پارنىكتا يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە پەسىلسىز كۆكتات ئۆستۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە مەھسۇلات مىقدارىمۇ يۇقىرى، تىجارەت تەننەرخى تۆۋەن».

گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى 3 ـ ليەنىنىڭ پارنىكىدا، دېھقانلار كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى يىغىش پەسىلگە ئايرىلمايدىغان بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ چېھرىدە جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارنىكلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، ھازىر %90ى تاماملاندى. بۇ تۈردە 300 پارنىكنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزگەرتىش، يەر تۈزلەش ۋە يوللارنى ئۆزگەرتىپ ياساش ئارقىلىق، تۈر رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز جايىنى تېخىمۇ مول ۋە يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقا ليەندۈيلەر ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل، 14- شى قۇرۇمقاش شەھىرىدىكى 212 تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ ياكى داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ، ئومۇمىي سېلىنما 13 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما تېخىمۇ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولى تېخىمۇ راۋانلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ