قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىپ، دولقۇن بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇلۇغ ئىشلارنى يارىتىپ، دولقۇن بېشىدا مەزمۇت تۇرۇپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

− 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى سەھىپە پۈتۈش. 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق، پۇختا ئادا قىلىپ، دېموكراتىك، ئىتتىپاق بولغان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىش باشلاش، قەدەم ئېلىش باسقۇچىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، ۋەكىللەر بىردەك: بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات قاراپ چىقىلدى ھەم تەستىقلاندى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىم دوكلاتلار تەكشۈرۈلدى ۋە تەستىقلاندى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى ماقۇللاندى. ۋەكىللەر بىردەك: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى نامايان قىلىنىپتۇ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بوپتۇ، دەپ قارىدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارار»ىدا: «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. ۋەكىللەر بىردەك: بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئاساسىي قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن، شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن، مۇستەھكەم سىياسىي ئاساس ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىغا ئىگە بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشەنچنى كۈچەيتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئالدىراپ ئىش باشلىغانلار جەزمەن قانداق ئاياغلاشتۇرۇشنى ئويلىشىشى كېرەك، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن پىلان تۈزۈۋالىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكشۈرۈلگەن ۋە تەستىقلانغان خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى بىلەن 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە مۇھىم، زور ۋەزىپىلىرى ھەقىقىيلەشتۈرۈلدى، مىقدارلاشتۇرۇلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار. يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولساقلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئەڭ چوڭ ئىشەنچى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشىدىكى ئاچقۇچ ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدا. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن توغرا بولغان تەرەققىيات قارىشى، زامانىۋىلىشىش قارىشىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدە، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەردە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىغا چىڭ تۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.

«شامالدا پەرۋاز قىلىپ، ئۆرلىدىم تۈمەن چاقىرىملىق بوشلۇققا، نەزەر سالدىم ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىغا.» يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، يېڭى مۇساپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى