تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 11-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزىدا 8~9 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، يامغۇر ئارىلاش قار ياغقاندا يوللار تېيلىغاق بولىدۇ، شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز.
بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.