ئالتاي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدىكى بەش ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 300 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئالتاي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىدارىسى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەكتەپ سىرتى پائالىيەت مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئالتاي شەھەرلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قار تېيىلىش دەرسى نەتىجىلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋە 6-نۆۋەتلىك ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى.
مۇسابىقە باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئەرلەر يەككە، قوش تاختا ئويناش ۋە ئاياللار يەككە، قوش تاختا ئويناش مۇسابىقىلىرى بار، ئالتاي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدىكى بەش ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن جەمئىي 300 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئالتاي شەھىرىدىكى 9000دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى قار تېيىلىش مەيدانىغا كۆچۈرۈپ كېلىش ۋە پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش ھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش، شۇنداقلا ئالتاي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قار تېيىلىش دەرسىنىڭ نەتىجىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەنتەربىيە دەرسىگە كىرگۈزدى، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى تەنتەربىيە دەرسىگە كىرگۈزدى، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي شەھىرى «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسى (2020-2010 يىلى)»دىكى «ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، «ئالتاي شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە سەنئىتى <1+2> پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە بىرلەشتۈرۈپ، 2021-يىلى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مۇز تېيىلىش (تېز مۇز تېيىلىش، ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش، مۇز توپى قاتارلىقلار)نى تەنتەربىيە 1+2 پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىگە كىرگۈزۈپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن.
(مەنبە: ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن كۇلايزا)