شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى چياۋشى رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى تەۋەلىكىدىكى يەسلى ئاپپاراتلىرى ئاشخانىسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك كىرگۈزۈشتە تەكشۈرۈش، يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى قالدۇرۇش، مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە قايتقاندىكى غىزالىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شۆفېڭ فوتوسى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1-يەسلى ئاشخانىسىدا، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى توڭلاتقۇلارنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرمەكتە.
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك 1-يەسلىدە، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئاشخانىنىڭ تازىلىق، دېزىنفېكسىيەلەش خاتىرىسىنى تەكشۈرمەكتە.