گۈزەل يۇرت-ماكان
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ لىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر شياۋ جىلىن خەۋىرى، فوتوسى): قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ ئىلىدا، كۆپ ساندىكى كۈنلەردە قۇياش ھەمىشە ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇرىدۇ، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى زىيادە قۇرغاق ياكى نەم سوغۇق بولماستىن، قار تاماشاسى قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
قىش پەسلىدە ئىلى دەريا ۋادىسىغا ھەر خىل قۇشلار ماكانلىشىپلا قالماي، بۇ يەردە يەنە بىر توپ ئاق زېرەكلەرمۇ ياشايدۇ، ئۆزگىچە كىلىمات مۇھىتى ۋە سۇ پارى سەۋەبلىك بۇ يەردە دائىم تۇمان سۆڭگىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، سەھەردە، تۇمان ئىچىدىكى ئاق قۇلار تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.