تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈركانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى، شىنجاڭ كۆمۈركان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈركانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى تۈزۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

«لايىھە»دە تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى باشلاش باسقۇچى بولۇپ، دۆلەت ئېلان قىلغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆت كۆمۈركان قۇرۇلۇشى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، كۆمۈركانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كۆمۈركاندىن 15تىن كۆپرەكى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باسقۇچى بولۇپ، 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈركانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر قېزىش مەھسۇلات مىقدارى %70تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈركانلاردا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىدۇ. بىخەتەر ئەمەلىي خەۋەرلىشىش ھەم يەر ئاستىدىكى ئورنىنى دەل جايىدا بەلگىلەش مۇلازىمىتى، كان يوللىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز سۈرئەتتە قېزىش، قېزىش خىزمەت كۆلىمىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماسلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش، كۆمۈر ئوبوروتى ھەم قوشۇمچە توشۇش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش، كۆمۈرنى يۇيۇش - تاللاش، كۆمۈركان زاۋۇت رايونى ھەم يېشىل ئېكولوگىيەلىك ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ كۆمۈركانلاردىكى نۇقتىلىق ئىش ئورنىدا ماشىنا ئادەم مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، مۇھىم ھالقا، خەتىرى يۇقىرى ئىش تەرتىپىدە ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ مۇكەممەل، يۈرۈشلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈركانلار قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

2026 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە مۇستەھكەملەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باسقۇچى. 2030 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈركانلار بارلىق ئۇچۇرلارنى دەل جايىدا، مۇۋاپىق پەيتتە توپلاش، يۇقىرى ئىشەنچلىك تورلاشتۇرۇپ توشۇش، قېلىپلاشقان ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرۈنمە ھالەتتە نامايان قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى ئاپتوماتىك يۈرۈشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆپ كەسىپ زەنجىرى، كۆپ سىستېما توپلانغان كۆمۈركان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېزىدىغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەدبىر بەلگىلەيدىغان، ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈركان سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

2035 - يىلىغا بارغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈركانلارنى تىرەك قىلغان كۆمۈر سانائىتى سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىپ، تۈرلۈك كۆمۈركانلاردا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى