تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ شەھىرى: كالا مۇسابىقىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كالا بېقىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۇڭ خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى ھاسا كەنتىدىكى قۇربان مۆمىن ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان كالا قوتىنىغا كېلىپ، ئۆيىدىكى بىر بۇقىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، سۇ بىلەن يۇيۇپ، يۇڭىنى تاراپ، رەتلىدى، كالىغا يېپىنچا كىيدۈردى، بۇ قاۋۇل، ھەيۋەتلىك بۇقا تېخىمۇ «ھەيۋەتلىك» بولۇپ كەتتى.

مۇخبىر قىزىقىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ سورىدى، ئەسلىدە كەنتتە، چۈشتە ھاسا كەنتىدىكى ئەڭ قالتىس كالىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن، قۇربان مۆمىن ئائىلىسىدىكى بۇقا نەچچە قېتىملىق PKدا تاللىنىپ چىققان، ئەمدى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

چۈش بولغاندا، ھاسا كەنتىدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانىدا بايراقلار لەپىلدەپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئون كالا قاتار تىزىلغان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش، يولدىن ئۆتكەنلەرنى بەس-بەستە قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كەنت بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ قىزىقارلىقلىقى، ھەمتۈرتكىلىك ۋە كەسىپچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مۇسابىقىنى T سەھنىدە ئۆتكۈزۈش، باھالىغۇچىلار باھالاشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىغا ئايرىغان. T سەھنىدە كۆرگەزمە قىلىش ھالقىسىدا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن باھالاش گۇرۇپپىسى نومۇر قويىدىكەن، باھالىغۇچىلار باھالاش ھالقىسىدا كەنتتىكى بېيىش ماھىرلىرى ۋە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن باھالاش گۇرۇپپىسى نومۇر قويىدىكەن، ئىككى قېتىملىق باھالاشتا ئېرىشكەن نومۇر %50نى ئىگىلەيدىكەن، ئىككى قېتىملىق باھالاشتا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن كالا يېڭىپ چىقىدىكەن.

«گەرچە بۈگۈن مېنىڭ كالام مۇكاپاتلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەسىلنى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشىلاپ، كالىنى تېخىمۇ ياخشى بېقىشنى قارار قىلدىم» دېدى قۇربان مۆمىن.

كەنت ئاھالىسى تۇردى شېك مۇنداق دېدى:«مەن باققان كالا ئىنەك گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن مەن كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ياخشى كالا بېقىشقا يېتەكلەيمەن».

«بۇ قېتىمقى كالا مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتە، بىرىنچىدىن، كالا يىللىق مۇسابىقە ئارقىلىق ياخشى باشلىنىشقا ئېرىشىش، ئىككىنچىدىن، كالا مۇسابىقىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە ئۆزىنىڭ كالىسى بىلەن باشقىلارنىڭ كالىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، قانداق كالىنىڭ ياخشى كالا ئىكەنلىكى ۋە كالىنى قانداق بېقىش كېرەكلىكىنى ئېنىقلاش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇرتداشلارنىڭ كالا بېقىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ھاسا كەنتىنىڭ سىممېنتال گۆش كالىسى باقمىچىلىق داڭلىق ماركىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى بەرپا قىلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىش» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ھاسا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ يۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ