تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن - تېخنىكا يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى ئۈنۈم ئاشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

«ئىلگىرى قارا توخۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتۇق، ھەقىقەتەن چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئېيتقاندەك شۇنداق ياخشىمىدۇ؟ دېگەنىدۇق، كېيىن پۈتۈن كەنتتىكىلەر بۇ خىل توخۇنى بېقىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن راستىنلا پۇل تاپقىلى بولىدىكەن.» 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى خۇمدان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەتئېلى تۇرسۇنباقى ياڭاقلىقىدىكى توخۇ لاپىسىنى يىغىشتۇرۇۋاتاتتى، ھەر قېتىم بىر لاپاس توخۇ ساتقاندا، ئۇ 4500 يۈەن تاپالايدىكەن. نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ۋە ئىلمىي باقمىچىلىققا تايىنىپ، مەمەتئېلى ئىككى يىل ئىلگىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، يېڭى ئۆيىنى بېزىدى، يەنە شەخسىي ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.

چەكلىك يەرگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەخسۇس تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 210 دىن كۆپرەكى يولغا قويۇلۇپ، 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 340 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش «تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى»

تۆت يىل نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات كوللېكتىپى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا نۇقتىدا تۇرۇپ، كۆپ تۆللەيدىغان قوينى مۇۋاپىق كۆلەمدە ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش تېخنىكىسىدىن توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش - كېڭەيتىشنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا گۆش قويى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ ئەنئەنىۋى يىرىك تىپتىن زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىپقا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى باغچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەكبەر مەمەتجان مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئەكبەرنىڭ دېيىشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ ئون تۇياق كۆپ تۆللەيدىغان قوي باققان، بۈگۈنكى كۈندە كۆپىيىپ 100 تۇياقتىن ئاشقان، ئىلمىي باقمىچىلىققا تايىنىپ، ئەكبەر نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بىلەن بىللە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.

«يېڭى سورتلۇق شاپتۇلنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق، شاختا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، مەھسۇلات پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلدى، باغنىڭ ھەر موسىدىن قىلىنغان كىرىم 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.» لوپ ناھىيەسىدىكى باغ - ئورمان پەرۋىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەركىن جېلىلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى جېڭجوۋ مېۋىلىك دەرەخ تەتقىقات ئورنىدىن جۇڭيوۋپەن 5 - نومۇر، 9 - نومۇر قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى سورتنى كىرگۈزۈپ، ئۆستۈرۈش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان، ھەم ئەتراپتىكى 200دىن ئارتۇق دېھقاننى بىرلىكتە ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىگەن، شاپتۇل شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلانغان.

ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «پەن - تېخنىكا تىرەك بولۇش، دەل جايىدا لايىھەلەش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 16 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كېۋەزنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئېشەكچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، تۆۋەن ھوسۇللۇق ياڭاقلىق باغنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. بايلىقنى توپلاشتۇرۇش ۋە يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈش

بىر قۇتا 300 گىراملىق ئېشەك سۈتى پاراشوكىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى 1200 يۈەندىن ئاشىدۇ. بەش يىل ئىلگىرىكى چاغ بولسا، گۇما ناھىيەسى كىلىياڭ يېزىسى يۇلغۇنجاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سالامەت تۇرۇپ بۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمىگەن بولاتتى.

شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دۇ جۈن مۇنداق قارىدى: نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ سىرى دەل «پەن - تېخنىكا»دا.

دۇ جۈن مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئېشەكچىلىك كەسىپ زەنجىرى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، نامراتلارنى يېتەكلەشتىكى ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستى، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ بىر ئېشەكنى بېقىشتىن قىلغان يىللىق كىرىمى 5000 يۈەنگە يەتتى.

پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ياردىمىدە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئىلگىرى «قىممىتى يوق» دەپ قارالغان قىزىلگۈل قايتىدىن جۇلالاندى. پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شۇ جايدا قىزىلگۈلنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، 70 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىلىپ، قىزىلگۈلنى سېتىۋېلىش باھاسى تۆت ھەسسە قاتلاندى. كېرىيە ناھىيەسى ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىپىرەمخان مەتتوختى ئائىلىسى بەش مو يەرگە قىزىلگۈل تېرىپ، بۇلتۇر قىزىلگۈلدىنلا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

يېڭىسار ناھىيەسى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى داڭلىق سەمەت ئۆرۈكىنى توڭلىتىپ قۇرۇتۇش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاپ، مېۋە ئېتى، مېۋە مېغىزى قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى» «كېۋەزنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش» «شىنجاڭ سۈتچىلىك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش» «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېشەكچىلىك كەسپىدىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش» قاتارلىق مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويدى، ھەمدە «سىڭدۈرۈپ گازلاشتۇرۇش پەردىسى ئارقىلىق ئايرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش» «خۇتەي يۈرۈشلۈك ئۈزۈم سورتلىرىنى كىرگۈزۈش ھەم يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش» قاتارلىق نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.

پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش

«ئائىلىمىزنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈۋاتقىنىغا نەچچە يىل بولدى، لېكىن ھوسۇل ۋە سۈپەت باشتىن - ئاخىر ئاشمىدى. بۇ قېتىم باغ - ئورمان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرگە بىر تېخنىكا ئۆگىتىشى، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىلىق، ياڭاق ھوسۇلىنىڭ يۇقىرى بولماسلىق سەۋەبىنى تاپتىم.» ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى دۆڭبويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابباس داۋۇت مۇنداق دېدى: بۇ يىل چوقۇم ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن. بۇلتۇر 11 - ئايدا، دېھقان - چارۋىچىلار ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلاشقان «قىشلىق پەن - تېخنىكا» تەربىيەلەش پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پائالىيەت 3 - ئايدا ئاخىرلاشقاندا، قاتناشقانلار سانىنىڭ 1 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىنلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ نامرات رايونلارغا توپلىنىشى ھەم چوڭايتىش ئېففېكتى ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 16 ئېغىر نامرات ناھىيە، شەھەردە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلغان خاس كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى، «پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى»نى باشلاپ، 180گە يېقىن پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 75 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، 1100 پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلىنى دەل جايىدا تاللاپ 35 نامرات ناھىيە، شەھەرگە پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، 90 نامرات كەنتنىڭ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بەردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەن - تېخنىكا ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەن - تېخنىكا ھەرىكىتى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 98 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ناھىيە (شەھەر، رايون)دە يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى ئاشلىق، پاختا، باغ - ئورمان، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىقتا سۇ تېجەش ۋە خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى سۇپىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى قوشۇنىنى سىجىل زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى يولى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پەن - تېخنىكىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۈنۈملۈك كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ