تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا بۇ تۇپراققا زىچ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى

[ئىستون سۆزى]

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ «چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ئىستونىنى ئاچتى، شىنجاڭ گېزىتى ۋاقىتنى ئوق قىلىپ، 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى مۇھىم ئىشلىرى، مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى، مۇھىم شەخسلەر، مۇھىم بايانلار قاتارلىقلارنى باغلاپ، سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى كۆزلەپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى

1921-يىلى​

7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلدى.

شۇ يىلى، فېئودال يەرلىك مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن (1912-يىلى 7-ئايدىن 1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە)نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىنجاڭدا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىياسىتى داۋاملىشىپ، چىرىك فېئودال خان-تۆرە تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان، ئىچكى جەھەتتە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى تاقاش تەدبىرى يولغا قويۇلغانىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئىچكىرى رايونلاردا مىلىتارىستلار توختىماي قالايمىقان ئۇرۇش قىلىۋاتقان، «4-ماي» ھەرىكىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، رۇسىيە «ئۆكتەبىر ئىنقىلابى» تارىختا يېڭى دەۋر ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ يەنىلا ئاتالمىش «چېگرا رايوندىكى گۈزەل ماكان» بولۇپ، چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغان.

جېجياڭ جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە − پارتىيە 1-قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنىنىڭ بىرى

1922-يىلى

7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە پارتىيە 2-قۇرۇلتىيى شاڭخەيدە ئېچىلدى، قۇرۇلتايدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش دېموكراتىك ئىنقىلاب پىروگراممىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئەڭ ئالىي پىروگرامما بىلەن ئەڭ تۆۋەن پىروگرامما پەرقلەندۈرۈلدى، ئەڭ تۆۋەن پىروگراممىدا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە بار ئىدى. يىغىندا پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالغا كىرىشى قارار قىلىندى.

1923-يىلى

6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە پارتىيە 3-قۇرۇلتىيى گۇاڭجوۋدا ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە پىروگراممىسى لايىھەسى» ماقۇللاندى، شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئېنىق دىققەت قىلىندى. قۇرۇلتايدا پارتىيە ئىچىدىكى ھەمكارلىق شەكلى قوللىنىلىپ، گومىنداڭ بىلەن بىرلەشمە ئۇرۇش سېپى قۇرۇش قارار قىلىندى.

پارتىيە 3-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە پىروگراممىسى لايىھەسى»

1928-يىلى

6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە پارتىيە 6-قۇرۇلتىيى موسكۋادا ئېچىلدى، يىغىن قارارىدا شىنجاڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى جۇڭگو ئىنقىلابىغا قارىتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالدى.

[كېڭەيتىپ ئوقۇش]

7-ئاينىڭ 9-كۈنى، پارتىيە 6-قۇرۇلتىيىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 6 - قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەت مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» چىقىرىلدى. «قارار»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 6-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى (شىمالىي قىسىمدىكى موڭغۇل، خۇيزۇ، مانجۇرىيەدىكى گاۋلىلار، فۇجيەندىكى تەيۋەنلىكلەر، ھەمدە جەنۇبىي قىسىمدىكى مياۋزۇ، لىزۇ قاتارلىق ئىپتىدائىي ھالەتتىكى مىللەتلەر، شىنجاڭ ۋە شىزاڭ) ئىنقىلابقا قارىتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارالدى، 7-قۇرۇلتايدا قارالما كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ھەم پارتىيە پىروگراممىسىغا قوشۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېتقا 7-قۇرۇلتايدىن بۇرۇن، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش ئالاھىدە ھاۋالە قىلىندى».

1930-يىلى

كۈز سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان كوممۇنىستلاردىن جاڭ يىۋۇ، شيۇڭ شياۋيۈەن قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا كېلىپ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.

[كېڭەيتىپ ئوقۇش]

1930-يىلى 6-ئايدا، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «پارتىيە ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك». 1931-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە، جۇڭخۇا سوۋېت مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى رۇيجىندە ئېچىلدى. ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن پىروگراممىسى»دا پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى قانۇن شەكلىدە بېكىتىلدى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان «جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە خەنزۇ مىللىتىدىن ئىبارەت جاپاكەش خەلق بىردەك باراۋەر، قانۇندىكى بارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت ، مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق چەكلىمە قويۇلمايدۇ ۋە مىللىي كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ».

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى