تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇپ چىقىش، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ مەركەزلىك ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، سۆزنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنقىلاب روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى