تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىشىغا كۈچ قوشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى، ئۆگىنىش مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىيلىكى، ھەقىقەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا توغرىلىنىش سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئورتاق تونۇش ئاساسىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن زېھىننى، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»نى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، توغرا يېتەكچىلىك يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، نۇرۇم ئىسمايىلخان، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۈەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ